获取下载链接
歌词

作曲 : ALIMJAN ROZI

◎Dadam Bar Edi◎

Alimjan Rozi

词:Abdukadir Raxidin

曲:Alimjan Rozi

编曲:Mamtimin Yasin

企划:Yusupjan Turgun

制作人:Yusupjan Turgun

OP:Abduxukur Obul

SP:Abduxukur Obul

出品:Abduxukur Obul

Solo

چاقىرماڭلار ئويۇنغا دوستلار

تاماشاغا رايىم قالمىدى

بىر زامانلار ئوينىغان ئىدىم

ئۇ چاغلاردا دادام بار ئىدى

Solo

تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غېمى

ئېگىز ئىكەن بەختنىڭ تېمى

ياۋاشلىدى دېمەڭلار مېنى

ئۇ چاغلاردا دادام بار ئىدى

Solo

سورۇنلاردىن ھەرگىز قالمايتتىم

ھەممىڭلارغا شۇنداق يارايتتىم

كېچە-كۈندۈز ئويۇن مارايتتىم

ئۇ چاغلاردا دادام بار ئىدى

Solo

بەك ئۆتۈلدى دادامنىڭ قەدرى

ئېغىر كەلدى تۇرمۇشنىڭ دەردى

ئەركە ئىدىم سەۋەبى شۇكى

ئۇ چاغلاردا دادام بار ئىدى

Solo

تۈگىدى ئەمدى ئاشۇ شاشلىقىم

داغدا قويدى شۇ بەڭۋاشلىقىم

قالدىم قاتاردىن دېمە ئادىشىم

قالدىم قاتاردىن دېمە ئادىشىم

ئۇ چاغلاردا دادام بار ئىدى

#The·End#

出品:Abduxukur Obul

歌词滚动贡献者:Abduxukur Obul