作词 : Hasanjan-Kurban
作曲 : Hasanjan-Kurban
编曲 : Hasanjan-Kurban
دۇنيادا يوق ، ئازابسىز راھەت
راھەت ئىزدەپ ، چەكتىم نادامەت
دۇنيادا يوق ، ئازابسىز راھەت
راھەت ئىزدەپ ، چەكتىم نادامەت
ئاشۇ يەرنى شۇ جاناننى كۆرەي دېگەندە
ئازابلار قىلدى مېنى زىيارەت
ئاشۇ يەرنى سۆيگەن يارنى كۆرەي دېگەندە
ئازابلار قىلدى مېنى زىيارەت
دوستلار بىر كۈن بىزمۇ كېتەرمىز
يارنى بىرگە ئېلىپ كېتەرمىز
دوستلار بىر كۈن بىزمۇ كېتەرمىز
يارنى بىرگە ئېلىپ كېتەرمىز
ئاشۇ يايرىم شۇ جانانىم يېنىمدا بولسا
ئازابلارغىمۇ كۆنۈپ كېتەرمىز
ئاشۇ يايرىم سۆيگەن يارىم يېنىمدا بولسا
ھەر جايغىمۇ كۆنۈپ كېتەرمىز
ئەتىگەندە سەھەردە جانىمەي
يولغا چىقتىم سەپەرگە
ئەتىگەندە سەھەردە جانىمەي
قول ياغلىقىنى شلىتىپ ۋاي شلىتىپ
يارىم قالدى ئۈرۈمچى شەھىرىدە
قول ياغلىقىنى شلىتىپ ۋاي شلىتىپ
يارىم قالدى ئۈرۈمچى شەھەردە
ئوي…ئەي… ھەسرەت چەكتىم
ئوي…ئەي…
يارنى سېغىندىم
بۇغداي باغلىغان باغلىق جانىمەي
يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق
بۇغداي باغلىغان باغلىق جانىمەي
يۈرەكنى داغلىغان ياغلىق
قىلىقىڭنى دېمىسەم دېمىسەم
چىرايلىقلىقىڭ چاغلىق
قىلىقىڭنى دېمىسەم دېمىسەم
چىرايلىقلىقىڭ چاغلىق
ئوي…ئەي… ھەسرەت چەكتىم
ئوي… ئەي… يارنى سېغىندىم
ئوي… ئەي … ھەسرەت چەكتىم
ئوي… ئەي … يارنى سېغىندىم
ھەسرەت چەكتىم