获取下载链接
歌词

作词 : muhammat jan raxidin

作曲 : Yakupjan-Baki

编曲 : Askar Muhtar

مۇزىكا

باھار كەلسۇن زېمىستان قىش كەلمىسۇن

بۇلبۇل كەلسۇن ئەمما ھوقۇش كەلمىسۇن

بىللە كەلسۇن بارچە ئەلگە ئىناغلىق

بىر بىرىنى يەنە چېقىش كەلمىسۇن

مۇزىكا

شادلىق ئېلىپ كەلسۇن ئەمدى بۇ كۈنلەر

ئاجىزلارغا غەمگە چۆكۈش كەلمىسۇن

ئۇنۇتمايلى ئۇماچ ئىچكەن كۈنلەرنى

تويۇنغاندا ئاشنى تۆكۈش كەلمىسۇن

مۇزىكا

ئاق ئۆرۈكتەك ھۆسۈن پۈتسۇن قىزلارغا

يىگىتلەرگە ئاقنى چېكىش كەلمىسۇن

يامانلىققا ئوق ياغدۇرۇڭ يامغۇردەك

ئۇيان بۇيان قاراپ بېقىش كەلمىسۇن

مۇزىكا

باي بولايلى ئىلىم پەندە بارچىمىز

قەدىمكىدەك ماتا توقۇش كەلمىسۇن

بارچىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن ھەر دائىم

ئۇچرىغاننى گوللاپ سوقۇش كەلمىسۇن